歌词
@migu music@
作词: Rayhangul Rozi
作曲: Eliyar·H
编曲:Eliyar Hudabardi
قول تۇتۇپ سەن بىلەن سىرداشقان كېچە
كۆز قىسىپ يۇلتۇزلار ، قارايدۇ بىزگە
بىر تاتلىق ھېسلارغا ، چۇمىمەن شۇ دەم
ھەر قېتىم مېھىرلىك باقساڭ كۆزۈمگە
باققانچە مەن ساڭا بەخت قوينىدا
قارىدىم كۆكتىكى سانسىز يۇلتۇزغا
ئىككىمىز جەم بولغان ئۇشبۇ كېچىگە
نۇرنى چاچاتتى بولۇپ ئاي گۇۋاھ
يۇلتۇزنىڭ باغرىغا چۆكىمەن ئاستا
. ھەۋەسمۇ قىلغۇم يوق ، ھەتتاكى ئايغا
سەن بىلەن مۇڭدىشىپ ۋىسالغا قانسام
. تۈن كېچە ئۇلىشار ، سۈزۈك تاڭلارغا .
خىياللار ئىلكىدە كۈتىمەن ھەر چاغ
تەلمۈرۈپ ئاسمانغا يۇلتۇزلار ساناپ
شۇ دەقىقە قەلبىمدە ئوتلۇق ھاياجان
تەشنالىق ئىلكىدە يولۇڭغا قاراپ .
展开