歌词
@migu music@
作词: Abduxëlil Abdukërim
作曲: Kamil Jelil
编曲:Nurshat Dilshat
民族乐器:Dilmurat Enwer /turghun Toxti Siyit
بۇ ھايات ئۆتكۈنچى دەر،
مەيلى كىمدن سورىساڭ .
ھەممىگە ۋاقتىڭ يىتەر،
گەر تېنىڭنى ئاسرىساڭ .
ھەممىگە ۋاقتىڭ يىتەر،
گەر تېنىڭنى ئاسرىساڭ .
♪♪♪
غەم ساڭا مىھمان ئەمەس،
بەختىڭ يىراق ئاسمان ئەمەس،
يامانلىقتىن ھەرنەپەس،
گەر دىلىڭنى ئاسرىساڭ .
گەر دىلىڭنى ئاسرىساڭ .
♪♪♪
بولمىغاي چىھرىڭ غازان،
كۆيمىگەي ھەسرەتتە جان،
كۆيمىگەي ھەسرەتتە جان،
نەدە بول باشىڭ ئامان
گەر گۈلۈڭنى ئاسرىساڭ .
گەر گۈلۈڭنى ئاسرىساڭ .
گەر گۈلۈڭنى ئاسرىساڭ .
♪♪♪
جادۇ كۆزنىڭ سېھرىدىن،
قايمۇقمىساڭ مىكرىدىن،
بەركەت تاپارسەن مىھرىدىن
سۆيگۈنىڭنى ئاسرىساڭ .
سۆيگۈنىڭنى ئاسرىساڭ .
تارت قەدەم نا توغرىدىن،
چىق ھەۋەسنىڭ باغرىدىن،
قىل خالاس غەم قايغۇدىن،
ئوغۇل قىزىڭنى ئاسرىساڭ،
ئوغۇل قىزىڭنى ئاسرىساڭ،
ئوغۇل قىزىڭنى ئاسرىساڭ،
展开