Kadrim otkanda&Abduwali Tothi

作词:abduwali tohti

作曲:abduwali tohti

所属专辑:Kadrim otkanda&Abduwali Tothi

歌词

@migu music@

作曲: Abdusami Arkin

编曲: AbduwaliTohti

مېنى يامان دېيىشىڭ مۇمكىن،

زەررە قەدەر ئازار يەتكەندە،

ئەمما ھەممە كېتىدۇ بىر كۈن،

تاپالمايسەن قەدرىم ئۆتكەندە.

خاپا قىلسام كۆيگىنىمدىندۇر،

ئۆزۈمدىن كۆپ سۆيگىنىمدىندۇر،

بار چېغىمدا بىل سۆيگۈم چىندۇر،

تاپالمايسەن قەدرىم ئۆتكەندە.

گۈل ئېچىلسا تۇرىۋەرمەيدۇ،

يۈرەك مەڭگۈ ئۇرىۋەرمەيدۇ،

كۈتسە بەخت كېلىۋەرمەيدۇ،

تاپالمايسەن قەدرىم ئۆتكەندە.

ئەيىبى يوق ئىنسان يوق ئىكەن،

قىزىلگۈلدە بولغاندەك تىكەن،

ھامان كىتەر جانۇ تەن دېگەن،

تاپالمايسەن قەدرىم ئۆتكەندە.

سۆيگۈم سېنىڭ، سۆيۈپ ئۆتكەيسەن

بار مېھرىڭنى بېرىپ ئۆتكەيسەن،

بېرەلمىسەڭ كۈتۈپ ئۆتكەيسەن،

تاپالمايسەن قەدرىم ئۆتكەندە.

گۈل ئېچىلسا تۇرىۋەرمەيدۇ،

يۈرەك مەڭگۈ ئۇرىۋەرمەيدۇ،

كۈتسە بەخت كېلىۋەرمەيدۇ،

تاپالمايسەن قەدرىم ئۆتكەندە.

گۈل ئېچىلسا تۇرىۋەرمەيدۇ،

يۈرەك مەڭگۈ ئۇرىۋەرمەيدۇ،

كۈتسە بەخت كېلىۋەرمەيدۇ،

تاپالمايسەن قەدرىم ئۆتكەندە.

展开