歌词
@migu music@
作曲: Bilal Enwer
编曲: Imron Yusup
ئىككىمىز خېلى بۇرۇن
يۈرگەن ئېدۇق يوشۇرۇن
دىدىڭ سەن بىر كەچقۇرۇن
سۆيگۈمىز سىر تۇتۇلسۇن
ئىزلىرىڭنى ئىزلىدىم
بىر چاغ ماڭغان كوچىدىن
بەلكىم ئورۇن ئالغانسەن
يۇلتۇزلارنىڭ ئىچىدىن
ماڭا جاپا بەك جاپا
ئوت ساقلىماق پاختىدا
تۇۋاق ياپما سۆيگۇگە
ئاشكارلاي ۋاقتىدا
بۇ دۇنيادا جانانىم
مەڭگۇ مەخپى سىر بولماس
سايرىمىسا ئاشكارە
بۇلبۇل ۋە گۈل بىر بولماس
سايرىمىسا بۇلبۇلمۇ
گۈل بىلەن بىر بولالماس
展开