Ey Dosit

作词:Mominjan Ablikim

作曲:Mominjan Ablikim

所属专辑:Ey Dosit

歌词

@migu music@

作词: Muhemmet Mes'ud

作曲: Ablet Ablikim阿布来提阿布力克木

ئەي دوسىت

شېئىرى : مۇھەممەد مەسئۇد ھەبىبىنىڭ

مۇزىكىسى : ئابلەت ئابلىكىمنىڭ

ئەلەم ياغسا سۆيگەنلەر ھەم تاشلىشار ئىكەن

دەرت ئۈستىگە تەنە-تۆھمەت باشلىشار ئىكەن

ياخشى دوسىتقا ياخشىلىقلار يارىشار ئىكەن

دۇنيا قىلسۇن بىۋاپالىق، سەن قىلما ئەي دوسىت

ياخشى دوسىتقا ياخشىلىقلار يارىشار ئىكەن

دۇنيا قىلسۇن بىۋاپالىق، سەن قىلما ئەي دوسىت

ئۆتمەي تۇرۇپ ياشلىغىم، مىڭ ئازاپ كۆردۈم مەن

تىكەنلەرنىڭ ئارىسىدىن رەيھان تەردىم مەن

سىنى تاللاپ دوستۇم دىدىم، قولۇم بەردىم مەن

دۈشمەن ئۇرسۇن يۈرۈگۈمگە، سەن ئۇرما ئەي دوسىت

سىنى تاللاپ دوستۇم دىدىم، قولۇم بەردىم مەن

دۈشمەن ئۇرسۇن يۈرۈگۈمگە، سەن ئۇرما ئەي دوسىت

∮مۇزىكا∮

جان دوسىت جاندىن كىچەر، مال دوسىت مالىدىن كەچمەس

جان ھەم تەندىن كۆچەر، مىھرىڭ جىنىمدىن كۆچمەس

جان دوسىت جاندىن كىچەر، مال دوسىت مالىدىن كەچمەس

جان ھەم تەندىن كۆچەر، مىھرىڭ جىنىمدىن كۆچمەس

تىغ يارىسى ئۆچەرۇ، دىل يارىسى ئۆچمەس

ئوۋچى قۇرسۇن توزاغىنى، سەن قۇرما ئەي دوسىت

تىغ يارىسى ئۆچەرۇ، دىل يارىسى ئۆچمەس

ئوۋچى قۇرسۇن توزاغىنى، سەن قۇرما ئەي دوسىت

∮مۇزىكا∮

ياتنىڭ ياندىن ئۆتەر دەيدۇ، يات ئەمەستۇر سەن

يولدا يالغۇز چېڭى چىقماس ئات ئەمەستۇر سەن

ئەينىكىمسەن، زىننىتىمسەن، دات ئەمەستۇر سەن

ياتلار تىلسۇن بۇ باغرىمنى، سەن تىلما ئەي دوسىت

ئەينىكىمسەن، زىننىتىمسەن، دات ئەمەستۇرسەن

ياتلار تىلسۇن بۇ باغرىمنى، سەن تىلما ئەي دوسىت

∮مۇزىكا∮

ھەق يولىنىڭ كارۋانىغا بولۇپ سەپەرداش

بىرگە يىغلاپ بىللە كۈلۈپ بىرەيلى بەرداش

ھەق يولىنىڭ كارۋانىغا بولۇپ سەپەرداش

بىرگە يىغلاپ بىللە كۈلۈپ بىرەيلى بەرداش

ئاداشمىغىن! ئاداشتۇرما! بولۇپ چىن سىرداش

تاغلار تۇرسۇن يولۇم توسۇپ، سەن تۇرما ئەي دوسىت

ئاداشمىغىن! ئاداشتۇرما! بولۇپ چىن سىرداش

تاغلار تۇرسۇن يولۇم توسۇپ، سەن تۇرما ئەي دوسىت

تاغلار تۇرسۇن يولۇم توسۇپ، سەن تۇرما ئەي دوسىت

*END*

展开