歌词
@migu music@
作词: Sirkul / Perwer
作曲: Tor
« ئانا ! سىز بولغاچ / ئانىسىز بولغاچ »
( HayatFM saloni )
Nutul :
ئانا ! سىز بولغاچ ئاڭلىغانمەن تۇنجى ئەللەي ناخشىسىنى
يۈرەكنى تىترەتكەن ئاشۇ پەرىشتە نالىسىنى
پەرىشتىمۇ ئايار بەلكىم بالىسىدىن كۆز قارىسىنى
لىكىن ماڭا كۆرسەتمەيتتى ئانام قىلچە يارىسىنى
ئانا ! سىز بولغاچ ئايرىغانمەن يالغاننى ھەقىقەتنى
بىلىپ ئسىل پەزىلەتنى ھەمدە مېھىر -مۇھەببەتنى
ئۆگەنگەن شۈكرى قانائەتنى ھەمدە ئەقىل ـ پاراسەتنى
پەقەت سىزنىڭ چېھرىڭىزدىن تاپىمەن شۇ نۇرـ ساباھەتنى
ئانا ! سىز بولغاچ قىسىلـمىدى بوينۇم يات ئالدىدا قەددىم رۇس
يىقىلغىنىم ھەقىقەت لىكىن ئالغان قەدىمىمدۇر دۇرۇس
كىچىكىمدە ئارزۇيۇمتى بولسام ئاسماندا يۇلتۇز
سىز بولغاچقا يۇلتۇز ئەمەس بولدۇم ئەڭ چاقناق قۇندۇز
ئانا ! سىز بولغاچ ھاياتىمغا تۈۋرۈك بولىدىغان تېغىم بار
چىرايىمدىن كۈلكە كەتمەس شاد بەختىيار چېغىم بار
ھەرقانچە بوران چاپقۇندىمۇ مەيدانىمدا چىڭ تۇرۇپ
تۆت پەسىلدە غازاڭ ئۇچماس مېنىڭ ھايات بېغىم بار
ئانا ! سىز بولغاچ قورقىتالـماس مېنى زىمىستان يا تومۇز
چۈنكى سىز بولغاچقا بولىدۇ ماڭا ھەرۋاخ نورۇز
پەرىشتەم با شۇڭا بېزەلدى گۈلدە ھاياتتىكى تورۇس
بۇرۇچۇمدۇر تورۇسقا ئېسىلىپ ماڭا زىيا بولۇپ يورۇش
ئانا ! سىز بولغاچ بىلەلـمىدىم زادى نىمىدۇر ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇش
ھەتتا ياقا يۇرتلارمۇ بىلىندى ماڭا شۇنچە تونۇش
مېھىرلىك قولىنى سۇنۇش ئەڭ ئاددى ئىنسانىي خۇرۇچ
ھاياتىمدىكى ئەڭ زور بۇرۇلۇش سىزنىڭ ئوغلىڭىز بوپ تۇغۇلۇش
ئانا ! سىز بولغاچ كۆڭلۈم توق كۆزۈم توق ئۆزۈم توق
يامانغا بوزەك ئەمەس ھەم يۇۋاشتا سۆزۈم يوق
جىسمىڭىزدىن ماڭا ئۇدۇن قالغىنى سىزدىكى قەيسەر روخ
قىلار زوق شۇڭا ماڭاخەق ھەسەت ئارلاش ھەۋەس بىلەن
ئانا!سىز بولغاچ بوينۇمغا مېنىڭ تىلتۇمارنىڭ نە كېرىكى
بىرئۆمۈر تىل تۇمارىم ئانا بىلسىڭىز سىز مېنىڭكى
تىلىگىنىم پەقەت ئانا تېنىڭىزنىڭ سالامەتلىكى
مەنچە بۇ بارلىق پەرزەنت بولغىچىنىڭ يۈرەك تىلىكى
Perhat Gheni :
ئاسماندىكى تولۇن ئاي ئانام سىز ئانام
زەم ـ زەم سۈيى بۇلاقتەك ئانام سىز ئانام
مېنىڭ سۇنغان دىلىمغا مېھرىڭىز بىلەن
قۇياش كەبى نۇر چاچقان ئانام سىز ئانام
Perwer :
مېنىڭ ئۈچ ئانام بار بىرسى چوڭ ئانام بىرسى ئۆگەي ئانام مەن ئۇلارنىڭ بالىسى
گەپ تامام ۋەسالام ھاسىل كالام جىق گەپ سورىما يۈرەكتە قالىدۇ گەپنىڭ چالىسى
ئەگەر دادام ئاق ئانام قارا رەڭ بولسا مەن نەق ئوتتىرىدىن چىققان شولىسى
بەزى ئىشلارغا ئامال يوق تەغدىر چاقچىقى دەيمىز بەلكىم ئىگىسىنىڭ يەتمىگەچ ماڭا چولىسى
قىسقىسى تىزلىناي موما ساڭا باش قويۇپ ئايىغىڭغا قىلاي تۈمەن تازىم
ھېرىپ قايتسام ئۆيگە سەن قۇيغان بىر سىركاي ئەتكەن چاي لازىم
ئاچ قالـمىدىم باقار كۈچۈم تىرىشتى نەۋرەڭ بىكار ئۆتمىدى قىش كۈز ياز باھار يازىم
ياش تۆكەر خەق يار ئۈچۈن بۇ مېنىڭ سېنى سېغىنىپ چالغان ھىجران سازىم
ئاڭلىدىڭمۇ جان ئانا جېنىم ئانا
رازى بول ئوغلۇڭدىن باش قوياي ساڭا
قۇچاغلا ئۇ ئۆز ئاناڭ تەشنا سۈتۈڭگە ئوغلۇڭ كەلدى ئۆتىنەي ماڭا بىر تامچە بەر
ئۇچىدا كىيمى يالاڭ دەشنام ئۈستىگە تۇغۇلدى جازاسى ئۇنىڭغا سەكسەن قامچا بەر
ياكى بىر ئارغامچا بەر
بەلكىم باغلايدۇ بەلگە
يۈزۈڭنى تۆكمەيدۇ ئەمما بەلكىم سالىدۇ گەلگە
ئانا رازى بول شور پىشانە ئوغلۇڭدىن تەغدىر قىستىسا يارغا كېلىدىكەن دۈشمەن ئۇدۇلۇڭدىن
ئانا رازى بول شور پىشانە ئوغلۇڭدىن تەغدىر قىستىسا يارغا كېلىدىكەن دۈشمەن ئۇدۇلۇڭدىن
ساق بولسام سالامەت بولسام باش كۆزۈم تېنىم
ئەينەككە قاراپ ئەسلەيمەن قاش كۆزۈم سېنىڭ
بېشىمنى قويغۇم باتى ئاق باسقان كۈمۈش چاچلىرىڭغا
بىر يەپ تويغۇم باتى بىر چۆمۈچ زاغرا ئاشلىرىڭغا
ئوتنىڭ ئۇچىنى سۇنىڭ سۈزىكىنى بېقىپ چوڭ قىلغان سېنى ئانام دەيمۇ
تاغدەك يۆلەنچىكىم سېنى زۇلپىقارىم ئاتام دەيمۇ
Perhat Gheni :
يىراققا ئۇچقان كەكلىكتەك ئانام سىز ئانام
بوينۇمغا تۇمار ئاسقان ئانام سىز ئانام
مېنى كۆككە ئۇچسۇن دەپ شاھتەك پەلەك چىقسۇن دەپ
كۆز ياش بىلەن دۇئا بەرگەن ئانام سىز ئانام ...
展开